كۆرۈلگەن سەھىپىلەر

[تەۋسىيە] ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈشتىن ئاساس

[تەۋسىيە] ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈشتىن ئاساس

كومپيۇتېردىن پايدىلىنىپ ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈشتە، ئاددىيلىقتىن باشلاپ ئۈگىنىشكە ناھايىتى باپ كېلىدىغىنى Flashيۇمشاق دېتالىدۇر.بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ Flash ئۈگۈنۈشكە ئاسان،يەنە كېلىپ ناۋادا سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز ۋە يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بولسا ئوخشاشلا مەزكۇر يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان چوڭ تىپتىكى كەسپىي ئويۇن پروگراممىلىرىنىمۇ تۈزىيەلەيسىز. Flashنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى سىز داۋاملىق ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈش ساھەسىدە تەرەققىي قىلماقچى بولسىڭىز، ئۈگەنگەن تېخنىكىلىرىڭىزنى باشقا ئويۇن پروگراممىسى ئېچىش سۇپىسىدا ، بىمالال ماسلاشتۇرۇپ كېتەلەيسىز. شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى Flashمۇ مۇكەممەل ئويۇن پروگراممىسى تۈزەشكە بولىدىغان  يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى.
Flashيۇمشاق دېتالىنى ئۈگىنىش جەريانىدا بىز ئۇنىڭ كۆرۈنمە يۈزلىكى، رەسىم شەكىل لايىھەلەش مۇھىتى ۋە Flashيۇمشاق دېتالى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىدارى كۈچلۈك ActionScript3.0پروگرامما تىلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئېنگىلىز تىلىغا ئوخشاش پروگرامما تىلىمۇ بىر خىل تىل. پروگرامما تىلى ئارقىلىق ھىسابلاش ماشىنىسى بىلەن ئىنسانلار  ئوتتۇرسىدا تىل ئالاقىسى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. بىز Flashيۇمشاق دېتالىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىدىكى مۇناسىۋەتلىق قوراللار ئارقىلىق ئويۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان پېرسوناژ ۋە ئوبېكىتلارنى لايىھەلەپ چىقىپ،ActionScript3.0 پروگرامما تىلى ئارقىلىق بۇ ئېلىمىتلارغا كومپيۇتېردا قانداق يۈرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسەك بولىدۇ. باشقا ئۇسۇللارغا سېلىشتۇرغاندا Flashيۇمشاق دېتالى رەسىم سىزىش،كۆرۈنمە ھالەتتە ھەرىكەتلىك سۈرەت ئىشلەش، پروگرامما تىلى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە مۇكەممەل مۇجەسەملىگەن بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكى Flash يۇمشاق دېتالىنىڭ ئويۇن ئېچىش جەريانىنى ئاددىي ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن تەمىن ئەتكەن.
پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە تۈمەنلىگەن ئويۇن لايىھەلىگۈچىلەر Flashيۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئويۇن لايىھەلەشنى ئۆزىنىڭ كەسپى قىلغان،ناۋادا سىزمۇ تىرىشىپ ئۈگەنسىڭىزلا بۇ قاتاردىن بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار:
ناۋادا سىز Flashيۇمشاق دېتالىنى ئەزەلدىن ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىز ۋە ياكى پروگرامما تۈزۈشتىن ھېچقانداق ساۋادىڭىز بولمىسا، سىز تەدرىجىي ئۈگىنىش ئارقىلىق بىلىمىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ماڭسىڭىز بولىدو. ئەگەر ئويۇن پروگرامىسى تۈزۈشنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز. مەزكۇر مەزمۇنلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ باشلانغۇچ تەلىپىڭىزنى قاندۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئەلۋەتتە Flashۋە ActionScriptپروگرامما تىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى زور تېما بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئۈگىنىشىمىزگىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر كىتاپتىن ئۈگىنىش جەريانىمىزدا ئۇچرىغان بەزىبىر مەسىلىلەرنىڭ  قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى  تاپالماسلىقىمىز مۈمكىن.شۇڭلاشقا يېڭى ئۈگەنچىلەرنىڭ Flashيۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، Flashيۇمشاق دېتالىنىڭ ياردەم ھۆججەتلىرىنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ياردەم ھۆججەتلىرىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئەمىلىي مىساللار تۈرگە ئايرىلىپ بېرىلگەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچىنى ئاشۇرىدۇ. ياردەم ھۆججىتىنى Flashيۇمشاق دېتالىنىڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى  قاچىلاپ بولغاندىن  كېيىن  Help (帮助)تىزىمىلىكىدىكى (Flash帮助)Flash Help تىزىملىك بۇيرىقىدىن تېپىشقا بولىدۇ. ياكى بولمىسا Flashتىن دەسلەپكى ساۋات چىقىرىدىغان كىتابلارمۇ بولىدۇ.
بىلمىسىمۇ بولىدىغان مەزمۇنلار:
تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى سىزنىڭ چوقۇم بىلىشىڭىز شەرت ئەمەس. ئەمما بىلسىڭىز Flashئويۇن پروگراممىسىدىن ئوت چىقىرىۋېتەلەيسىز.
ماتېماتىكا بىلىملىرى(ئاندا - ساندا  ئىشلەتسەكمۇ ھېچ گەپ ئەمەس. باشلانغۇچنىڭ ماتېماتىكىسىدەك).
كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈش بىلىملىرى.
تور بېكەت تۈزۈش بىلىملىرى.
رەسىم شەكىل لايىھەلەش بىلىملىرى.

ھەممىسى بىر تەرتىپ خالاس:
ئويۇن پروگراممىسى تۈزىدىغان مەزمۇنلاردا بىز كۆپىنچە چاغلاردا رەسىم شەكىللەرنى قانداق قىلغاندا پروگرامما بىلەن ماسلاشتۇرۇش توغرىلىق كۆپرەك باش قاتۇرىشىمىز مۈمكىن. مەسىلەن:سىز بىر ئويۇن پروگراممىسى تۈزگەن بولسىڭىز، بۇ ئويۇن پروگراممىسىدا ئويۇن ئوينىغۇچى مەلۇم بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق كىچىك ئۆردەكنى ئاچ قالغان مۈشۈكتىن قۇتقۇزىشى مۈمكىن. دېمەك كۇنۇپكىنى باسقاندىن كېيىن كىچىك ئۆردەك قانداق قىلىپ ئاچ مۈشۈكتىن ئامان قېلىشى كېرەك؟، مانا بۇ ۋاقىتتا بىز چوقۇم بىر بۆلەك پروگرامما ئارقىلىق كىچىك ئۆردەككە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىشىمىز كېرەك.
ActionScriptدەل بىزنىڭ مۇشۇ بىر بۆلەك پروگراممىنى يېزىپ چىقىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان كومپيۇتېر پروگرامما تىلىنىڭ نامىدۇر. مەزكۇر پروگرامما تىلى ئەپچىل ھەم شۇنداقلا ئىقتىدارىمۇ ناھىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، Java تىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.ActionScriptپروگرامما تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى 3.0 بولۇپ،قىسقارتىلىپ AS3.0دەپ ئاتىلىدۇ. پروگرامما تۈزۈشنى باشلامچى قىلىپ ئۈگۈنۈشكىمۇ، مەزكۇر پروگرامما تىلى ياخشى تاللاش بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
ئۇ Flashيۇمشاق دېتالىنىڭ رەسىم شەكىل لايىھەلەش مۇھىتىغا پۈتۈنلەي بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن بولۇپ، مول كۆرۈنۈش ئۈنۈمىگە ئىگە ئويۇن پروگراممىلىرىنى ئېچىش سۈرئىتى  باشقا كۆپلىگەن ئويۇن ئېچىش پروگراممىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تېز.
رەسىم شەكىل لايىھەلەش مۇھىتى بىر گەۋدىلىشكەن بولغاچقا، پروگرامما ئۈنۈمىنى شۇ ھامانلا سىناپ نەتىنجىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
Adobeشىركىتى نۇرغۇن ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، AS3.0 نىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزۈپ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى نەشىردىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، پروگرامما ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى.
AS3.0خۇددى Java ۋە C++پروگرامما تىلىغا ئوخشاش «|ھەقىقىي» پروگرامما تىلى. مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەزكۇر پروگرامما تىلىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن يىل تىرىشتى، ھەمدە EMCAScript نامىدىكى ئوچۇق كۈدلۈق پروگرامما تىلى ئارقىلىق ئىجرا قىلىندى. AS3.0نى ئۈگىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئۈگەنگەن پروگرامما تېخنىكىسىنى باشقا پروگرامما ئېچىش يۇمشاق دېتاللىرىغا تەدبىقلاشقا بولىدىغان بولۇپ، مەزكۇر پروگرامما تېخنىكا ئاساسى ئارقىلىق، پروگرامما تۈزەش ئىقتىدارىنى توختاۋسىز ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
AS3.0ئارقىلىق تۈزۈلگەن ئويۇن پروگرامملىرى مەشغۇلات سۇپىسىدىن ھالقىغان پروگرامما بولۇپ، Adobe شىركىتىنىڭ ھەقسىز تارقاتقان FlashPlayer پروگراممىسى قاچىلانغان ھەرقانداق بىر مەشغۈلات سۇپىسىدا نورمال خىزمەت قىلالايدۇ (Mac،Windowsۋە ياكىLinuxمەشغۇلات سۇپىسىدا) شۇنداقلا كىشىنى ئەڭ خوشال قىلىدىغىنى Flashنىڭ يېڭى نەشرى بولغان FlashCS5.5يۇمشاق دېتالىغا يەنە  Apk(Android سېستىما ھۆججىتى) ipa (Iphone سېستىما ھۆججىتى)قاچىلاش ھۆججىتى ھاسسىللىغىلى بولىدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ، Flashنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى تېخىمۇ كېڭەيدى. Flash ئارقىلىق سىز ئاددىيسى بىرەر ئېلىپبە ياساپ، تېلىفونىڭىزنى بالىڭىزغا تىل ئۈگىتىدىغان قوشۇمچە قورال قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى Flashيۇمشاق دېتالىدا ئاچقان پروگراممىنى مەشغۇلات سۇپىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن قايتا ئۆزگەرتىشنىڭ ھېچقانداق زۈرۈرىيىتى قالمايدۇ.

پروگرامما تىلى دېدىڭىزما؟ئاھ خۇدا!  مەن ماتېماتىكىنى ياخشى بىلمەيدىغان تۇرسام!
مېنىڭمۇ ماتېماتىكا سەۋىيەم يوقنىڭ ئورنىدا. پروگرامما تۈزۈپ باقمىغانلار پروگرامما تىلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىلا بىر دۆۋە ماتېماتىكىلىق فورمىلا ۋە سانلار كۆز ئالدىغا كېلىۋالىدۇ. ئەمما ئەھۋال سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئېغىر ئەمەس. سىرتىدىن قارىسا شۇنداقتەك تۇرغان بىلەن، كومپيۇتېر پروگراممىسى قۇلايلىق بۇلۇشنى مەقسەد قىلىپ، بىر قىسىم ماتېماتىكىلىق ئوقۇملارنى قوللانغان.
ئۇنداقتا پروگرامما تىلىغا ماتېماتىكا بىلىملىرى پەقەت ئىشلىتىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىشلىتىلىدۇ.قانچىلىك دەرىجىدە ئىشلىتىلىدۇ؟ بىز قوشۇش،ئېلىش،بۆلۈش،كۆپەيتىش ئەمەللىرىدىن باشقا بىر قىسىم ئالگېبرالىق ئاساسىي بىلىملەرنى ئىشلىتىمىز (بۇلار بىز باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ۋاقىتتىلا ئۈگۈنۈپ بولغان بىلىملەردۇر).بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ماتېماتىكا بىلىملىرىنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى مۇشۇنچىلىكلا. ئەمما AS3.0پروگرامما تىلى باشقا پروگرامما تىللىرىغا ئوخشاش بارلىق ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلارنى  ئېلىپ بارالايدۇ.

ھازىرچە ئويۇن ئىشلەشكە ئېھتىياجىمىز چۈشىدىغان ماتېماتىكا بىلىملىرى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما ئويۇن پروگراممىسى ئاچىدىغان پروگراممىرلارغا نىسبەتەن AS3.0نىڭ ماتېماتىكىلىق ئىقتىدارىنى تولۇق چۈشۈنۈپ قېزىپ چىقىش ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ . مەن سىزنىڭ ئىمكانىيىتىڭىز بولسا KeithPetersنىڭ «Foundation ActionScript Animation:Making Thing Move!» ناملىق كىتابىنى ۋە يەنە بىر پارچە كۆپچىلىك بىرلىكتە روياپقا چىقارغان «Flashتىكى ماتېماتىكا» (Flash Math Creativity) نامىدىكى كىتابنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىز يۇقىرىدىكى كىتابلاردىن ئۈگەنگەن ماتېماتىكا بىلىملىرىڭىز ئارقىلىق مەزكۇر مەزمۇنلاردا تونۇشتۇرىلىدىغان ئويۇن پروگراممىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقالايسىز.(يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان كىتاپلارنىڭ ئىككىلىسىنى Friends ofEDنەشىرياتى نەشر قىلغان بولۇپ توردىن ئىزدىمەكچى بولغانلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىزاھات بېرىپ قويدۇم).

شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ ئويۇن پروگراممىسى بولسۇن، AS3.0  نىڭ ئوخشاشلا قۇربى يېتىدۇ. سۆزلەنمەكچى بولغان ئەمەلىي مەشقلەردە مەن ئىمكان بار ماتېماتىكا ئوقۇملىرىدىن ئەگىپ ئۆتىمەن . بۇ بەلكىم ماتېماتىكىغا ئەشەددىي ئۆچ بىر قىسىم كىشىلەرگە تەسەللىي بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.(مەنغۇ بىلىك كۇلۇبىدا ماتېماتىكىغا ئۆچ ئادەم يوقمىكىن دەيمەن).

مەن پروگراممىنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەندەك تۇرىمەن.
مەزكۇر يازمىدىكى مەزمۇنلار باشلانغۇچ سەۋىيىدىكىلەرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان مەزمۇنلار بولۇپ، يېڭى ئۈگەنچىلەرنىڭ پروگرامما تىلىدىن قىلچىلىك ساۋادى يوق دەپ قىياس قىلىندى. ئەمما ئوقارمەنلەرنىڭ ئىچىدە تەجرىبىسى ئىنتايىن مول بولغان پىشقەدەم پروگراممىرلارنىڭ بولىشى ئېنىق. ئۇلارنىڭ بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىدى، ئۆزى ئىگەللىگەن پروگرامما تۈزۈش بىلىملىرى ئارقىلىق قانداق قىلغاندا ئەھمىيەتلىك بىرەر ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈشكە بولىدىغانلىقىدا. ئويۇن پروگراممىسى لايىھەلەش نۇرغۇن كەسپىي تېخنىكىلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ. سىز ActionScript پروگرامما تىلىنى خېلى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئىشلىتەلىسىڭىزمۇ، ئەمما بىلىدىغان تېخنىكىڭىز ئارقىلىق بىرەر ئويۇن پروگراممىسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىڭىز ئۇنچىۋالا ئوڭاي ئىش ئەمەس. سۆزلەنمەكچى بولغان كېيىنكى قىسىملاردىكى مەزمۇنلاردا ئويۇن پروگرامما قۇرۇلمىسىنى بېكىتىش  ئاساس قىلىنىپ، پروگرامما ئىمكان بار ئاددىي چۈشىنىشلىك سۆزلىنىدۇ.

مەن قانداق ئويۇنلارنى تۈزۈپ چىقالايمەن؟
مەزكۇر يازمىدا ئىككى ئۆلچەملىك ھەرىكەتلىك ئويۇن، تەۋەككۈلچىلىك ئويۇنلىرى ۋە كوچا ئويۇنلىرى ئاساس قىلىنغاندىن باشقا مەخپىيەتلىك يېشىش ۋە زېھىن سىناش ئويۇنلىرىنىمۇ ئۆز ئالىدۇ.( ئەمما بۇ مەزمۇنلارنى يېزىپ بولالايمەنمۇ بىلمەيمەن. ئالدىراشچىلىق تۇرمۇش مېنى قۇللۇق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشقا ئارانلا تۇرىدۇ،ھەي ... ... تۇرمۇش ؟!!) بۇ خىل ئويۇنلارنى Flashيۇمشاق دېتالى ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.
Flashنىڭ CS4تىن يۇقىرى نەشرى ئۈچ ئۆلچەملىك ئۈنۈملەرنى يامان ئەمەس بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولسىمۇ، ئۈچ ئۆلچەمدىن ئىبارەت غايەت زور تېخنىكا تېمىسى بىزنى ئايرىم نەچچە كىتابچە قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇرلىشى مۈمكىن. ئەمما بىز ئىككى ئۆلچەملىك ئويۇن پروگراممىسىغا بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشتۇرغان ئاساستا، تەدرىجىي ھالدا ئۆچ ئۆلچەملىك ئويۇن پروگراممىسى ئېچىش مەنزىلىگە قەدەم قويساق بولىدۇ. چۈنكى ئۈچ ئۆلچەملىك ئويۇنلارنىڭ ئاساسى يەنىلا ئىككى ئۆلچەملىك ئويۇن پروگراممىسىدا.چۈشىنىشكە قولاي بولسۇن ئۈچۈن بىز مەزكۇر يازمىمىزدا ئىككى ئۆلچەملىك ئويۇن پروگراممىسى ئېچىشنى ئاساس قىلىمىز.

ئاساسنى ياخشى سېلىش:
ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈشنى ئۈگەنمەكچى بولغانلار ئۆزىنى بىر قۇرۇلۇش ئۇستىسىغا ئوخشاتسا بولىدۇ. چوڭ كىچىكلىكى ۋە شەكلى  ئوخشاش بولمىغان قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورتاق ئۇل ئېلىمىنىتلىرى بولىدۇ: ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاشلا ئۇل قويۇشقا، تام ۋە تورۇسلىرىنى قوپۇرۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. سىزنىڭ ئۆيىڭىز مەيلى كىچىك ۋە ياكى چوڭ، مەيلى ھەشەمەتلىك ياكى سەت مايماق بولسۇن ئوخشاشلا ئۇل سالىسىز. تام قوپۇرىسىز، ئاندىن تورۇسىنى ياپىسىز.سىز بۇ ئاساسىي خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ئۆيىڭىزنى زىننەتلەيسىز، ئۆي سايمانلىرى قويىسىز. ناۋادا بەك خوشال بولۇپ كەتسىڭىز، بىرەر قېتىم كاتتا ئۆي چېيى قىلىپ بىلىكتىكىلەرنى چاقىرىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرىشىڭىز مۈمكىن.
ئەمدى بىز تۆۋەندە ھەرقانداق بىر پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگەنگۈچىلەر ئوخشاشلا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ ئاساس بولغان «سالام دۇنيا» پروگراممىسىنى AS3.0پروگرامما تىلىدىن پايدىلىنىپ يېزىپ ئىجرا قىلىپ باقايلى.ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، Flashنىڭ ئىجرا كۆزنىكىدە (Outputكۆزنىكى( HelloWorldسۆزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ پروگرامما ئىنتايىن ئاددىي بولسىمۇ، ئەمما بۇ پروگراممىنى يېزىش ئارقىلىق ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى مەقسەدكە يەتكىلى بولىدۇ.
(1) ساغلام ھەم جانلىق بولغان پروگرامما يېزىش قائىدىسىگە نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل بولۇپ، كېيىنكى پروگرامما يېزىش قانۇنىيىتىگە ئۇل سالغىلى بولىدۇ.
(2)AS3.0 پروگرامما تىلىغا نىسبەتەن دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
پروگرامما يېزىشقا يەنىلا جۈرئەت قىلالمايۋاتامسىز، ئەمدى بولدى قىلىڭ. ئۇنچىۋالا ئىرەن قىلىپ كەتمەڭ. سىزنىڭ بۇ ياۋا مەخلۇقنىڭ مۈڭگىزىدىن تۇتىۋېلىپ، يەرگە ئاتىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى.

كېرەكلىك ھۆججەتلەر:
Flashۋە AS3.0دىن پايدىلىنىپ ئويۇن پروگراممىسى تۈزگەندە بىز ئاز بولغاندىمۇ تۆۋەندىكى ئىككى ھۆججەتكە ئېھتىياجلىق بولىمىز.
ASھۆججىتى: مەزكۇر ھۆججەتتىكى مەزمۇنلار بىزنىڭ يازغان بارلىق ASپروگرامما ھۆججەتلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، ئۇ ئويۇن پروگراممىسىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ASھۆججىتى كېڭەيتىلگەن نامى *.asبولغان تېكىست ھۆججىتى بولۇپ، ئۇ Flashنىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرىدىكى AS1.0ۋە AS2.0گە ئوخشاش ۋاقىت ئوقى ۋە ياكى ئېلىمىتلارغا بىۋاستە يېزىلماستىن، ئايرىم بىر تېكىست ھۆججىتى قىلىپ يېزىلىدۇ. ناۋادا سىز بۇرۇن Flashنىڭ AS1.0ۋە AS2.0پروگرامما بولىقى ئارقىلىق پروگرامما يېزىپ باققان بولسىڭىز، ئەمدى بۇ خىل ئۇسۇلىڭىزنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىۋېلىڭ. ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ، سىز ناھايىتى تېزلا بۇ خىل ئايرىم تېكىست ھۆججىتىگە پروگرامما يېزىشنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قولايلىقىنى بايقايسىز. بۇ خىل ئۇسۇل Flashنىڭ بۇرۇنقى پروگرامما يېزىش ئۇسۇلىدىن كۆپ ئۈنۈملۈك.
Flaھۆججىتى: بۇ Flashيۇمشاق دېتالىدا  ھاسسىللانغان ئادەتتىكى ھۆججەت بولۇپ، كېڭەيتىلگەن نامى*.flaبىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كۆرۈنمە ھالەتتىكى بارلىق ئېلىمىنىتلار مۇشۇ ھۆججەت ئىچىگە ساقلىنىدۇ.مەسىلەن:ئويۇن پروگراممىسىدىكى پېرسوناژ، تەگلىك ۋە مەيدان جابدۇقلىرى.
ASپروگرامما تىلى ئەمەلىيەتتە دەل مۇشۇ ئېلىمىنىتلارنىڭ «ئىدىيە خىزمىتى»نى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ كېڭەيتىلگەن نامى Flaبولغان ھۆججەتلەر ئارقىلىقلا ئويۇن پروگراممىسىغا قارىتا باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. مەسىلەن:كۇنۇپكا ئارقىلىق مەلۇم بىر ئېلىمىنىتنى مەلۇم بىر خىل ئۇسۇلدا كونترۇل قىلىپ، ئۇنىڭ يۈرۈشۈش نەتىجىسىنى ئېكران يۈزىدە كۆرسىتىپ بېرىش دېگەندەك. بۇنىڭدىن باشقا flaھۆججەتلىرىگە يەنە قىستۇرما شەكىلدىكى جانلاندۇرۇم ئۈنۈمى، ئاۋاز، سىن ۋە رەسىملەرنى قىستۇرۇشقا بولىدۇ.
ئويۇن پروگراممىسى تولۇق ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، Flaھۆججىتى بىلەن ASھۆججىتى ئورتاق بىرىكىپ، Flash قويغۇچ ھۆججىتىSWF ھۆججىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ھۆججەت شەكلىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى Flashئەسەرلىرىنى ئىنتېرنېت تورىغا يوللاپ، باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھىرلىنىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئالدىنقى قىسىمدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ ئىككى خىل ھۆججەتنى بىرىكتۇرۈپ، ھۆججەت ھاسىللىنىش ھالىتىنى APKياكى IPAھالىتىگە توغرىلاپ، تېلىفونغا قاچىلاپ بەھىرلەنسەكمۇ بولىدۇ. بىز يۇقارقى ھۆججەتلەرنى بىرىكتۈرۈپ مۇكەممەل بولغان SWFھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈنFLash بوقچىلاش (发布)بۇيرىقىنى ئىجرا قىلدۇرساقلا بولىدۇ. بۇ مەشغۇلاتلارنىڭ جەريانىنى يازمىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتىمەن.

(كېيىنكى قىسىملاردىن ئۈزۈندە)

خىزمەت مۇھىتىنى بەلگىلەش:
سالام دۇنيا(HelloWorld)پروگراممىسىنى يېزىپ چىقىشتىن بۇرۇن، تۈر مۇندەرىجىسىدىن بىرنى قۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك flaھۆججىتى ۋە ASھۆججىتى ساقلىۋالىمىز. مەيلى Macكومپيۇتۇر بولسۇن ۋە ياكى PCكومپيۇتېر بولسۇن مەشغۈلات جەريانى ئوخشاشلا مۇشۇنداق بولىدۇ.
(1) قاتتىق دېسكىنىڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان رايونىغا بىر ھۆججەت قىسقۇچى قۇرىمىز. بۇ ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ نامى Hello World Programبولىدۇ، بۇنى بىز تۈر ھۆججەت قىسقۇچى دەپ ئاتايمىز.
(2) Flashيۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىپ  文件←新建تىزىملىك بۇيرىقىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىدىن قۇرۇش دىئالوگ رامكىسىنى ئاچىمىز. مەزكۇر دىئالوگ رامكىسىدىن(ActionScript文件) ActionScriptھۆججىتى دېگەن تۈرنى تاللاپ جەزىملەشتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ.

(3) بۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن نامى Script-1بولغان AS ھۆججىتى بېتى  ئېچىلىدۇ. بىز بۇ ھۆججەتنى← 文件 另存为بۇيرىقىدىن پايدىلىنىپ، ھۆججەت نامىغا  Main.as دەپ كىردۈرۈپ، Hello World Programدېگەن ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ئىچىگە ساقلايمىز.
بىز بارلىق پروگراممىلارنى مۇشۇ Main.as بېتىگە يازىمىز (چوقۇم بېرىلگەن ھۆججەت نامىنىڭ باش ھەرىپىنى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىڭ. ئۇنداق بولمىغاندا پروگرامما ئىجرا بولغاندا خاتالىق كۆرىلىدۇ.مەسىلەن Mainتوغرا،  main خاتا).



--------------------------------------------------------------------------
(داۋاملىق يوللىنىدۇ)
كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشى قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.
(ناۋادا يازمىنىڭ يوللىنىش سۈرئىتى كېچىكىپ كەتسە، مېنى تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى دەپ چۈشىنىڭلار)
مەزكۇر يازما پەقەت بىلىك كۇلۇبىغىلا تەئەللۇق.
3

باھالاش قېتىمى

  • Serqut

  • Alip

  • Uginix

بىرەر سىز ئىشلىگەن ئويۇن مىسالى يوقمۇ...«سالام دۇنيا» پروگراممىسى ھەممە پروگرامما تىلىنىڭ تۇنجى كىرىش ئېغىزى بولغاچقا تازا قىزىقى يوق ...مىسالنى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان ئويۇن بىلەن ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلىدىم، يوللاپ قويسىڭىز تۇنجى ئۇيغۇرچە فلەش ئويۇنى بولۇپ قالامدۇ تېخى...ھېچ بولمىغاندا مەن كۆرگەن تۇنجى ئۇيغۇرچە فىلەش ئويۇنى بولۇپ قالاتتى...
flash air دا يەنە android,iOS لار ئۇچۇنمۇ app ئىشلىگىلى بولىدۇ.
مەنغۇ شۇنداق ئوبدان ئويۇن پروگراممىسى تۈزۈپ چىقسام دەيمەن. مۇشۇ يازمىنى يېزىش ئۈچۈنمۇ ئاران - ئاران ۋاقىت چىقىرىۋاتىمەن. داۋامىنى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتى يېتەرلىك بولسا، تۈزۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
flash air دا يەنە android,iOS لار ئۇچۇنمۇ app ئىشلىگىلى بولىدۇ.

توغرا دەيسىز.   Flashدىن بىۋاستە Air ئارقىلىق، Flashدا  تۈزگەن تۈرلۈك پروگراممىلارنى ئوخشاش بولمىغان مەشغۇلات سۇپىسى ۋە كۈچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدىغان ھۆججەت بوقچىسى ھاسىللىغىلى بولىدۇ.
...«سالام دۇنيا» پروگراممىسى ھەممە پروگرامما تىلىنىڭ تۇنجى كىرىش ئېغىزى بولغاچقا تازا قىزىقى يوق ...مىسالنى ئۇيغۇرتىلىدا يېزىلغان ئويۇن بىلەن ئالسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

شۇنداق مەن نۆلدىن باشلاپ ئۈگەنگۈچىلەرگىمۇ ماس كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن. سىز دېگەندەك كېيىنكى يازمىلاردا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلغان پروگراممىلار مىسال قىلىپ سۆزلىنىدۇ.
ياخشى تېمىدىن بىرسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ .
نادىر تىما!...

ئەمسە مەنمۇ سىزگە ئەگەشتىم .
توختىماس كارۋان يولىدىن ،گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق!...
Http://aldansih.blogbus.com
ئۇستاز، گەرچە مەن ئويۇن يۇمتاللىرىغا قىززىقىپ كەتمىسەممۇ، بۇ دەرسىڭىز ئوقۇتۇش يۇمتاللىرىنى تۈزۈشنى ئۆگىنىشىمگە يارىدىمى ئاز بولمىغىدەك.
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: قۇت تۇرا - QutTura
ماۋۇ تېىمىنى ئويۇنخۇمار دوستلۇرۇمغا تەۋسىيە قىلىۋېتەي.
ئانا تىلىم-جان تىلىم!
http://ultira.limewebs.com/
كۆرۈلگەن سەھىپىلەر